باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش كومىتېتى قارا يامغۇرغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويدى

2013.07.03 17:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش كومىتېتى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتە، سىچۈەن، چۇڭچىڭدا يېقىندا يۈز بەرگەن قارا يامغۇر، ھۆلچىلىك ئاپىتى ھەققىدە دۆلەتنىڭ 4-دەرىجىلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، ئاپەت بولغان رايونغا ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكلىك قىلىشقا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى. نۆۋەتتە، سىچۈەن، چۇڭچىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جىددىي لايىھەسىنى يولغا قويدى، خىزمەت گۇرۇپپىسىنى ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتتى. چۇڭچىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت 10 مىليون يۈەن ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش مەبلىغى ئاجراتتى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ 500 دىن ئارتۇق ئوفىتسېر-ئەسكىرى ۋە 50 قولۋاقنى قامىلىپ قالغان ئاممىنى جىددىي يۆتكەشكە ئورۇنلاشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە