باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۆمۈر كان قۇدۇقلىرىنىڭ خەتەردىن ساقلىنىش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە مەمۇرىي تەپتىش قىلىش كۈچەيتىلىدۇ

2013.07.03 17:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ۋە دۆلەتلىك كۆمۈر كان بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى تۈنۈگۈن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلاردىن كۆمۈر كان قۇدۇقلىرىنىڭ خەتەردىن ساقلىنىشتىكى «ئالتە چوڭ سىستېما» نى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە مەمۇرىي تەپتىش قىلىشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.

  كۆمۈر كان قۇدۇقلىرىنىڭ خەتەردىن ساقلىنىشتىكى «ئالتە چوڭ سىستېمىسى» ــــــــ نازارەت قىلىش-تىزگىنلەش سىستېمىسى، خەتەردىن جىددىي ساقلىنىش سىستېمىسى، بېسىم بىلەن ئۆزئۆزىنى قۇتقۇزۇش سىستېمىسى، سۇ بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسى ۋە خەۋەرلىشىش، ئالاقىلىشىش سىستېمىسىنى كۆرسىتىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتىكى تەلەپ بويىچە، 2013-يىلى 6-ئايدىن بۇرۇن، «ئالتە چوڭ سىستېما»نى ئورنىتىش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ بولالمىغان كان قۇدۇقلىرى مۇددەت ئىچىدە تەرتىپكە سېلىپ ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ 2014-يىلى 6-ئايدىن بۇرۇن، «ئالتە چوڭ سىستېما»نى ئورنىتىش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ بولالمىغان كان قۇدۇقلىرى قانۇن بويىچە ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ، تەرتىپكە سېلىپ ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ھەمدە بۇ كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى تۇتۇپ قېلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە