باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل مەملىكەت بويىچە كەلكۈن ئاپىتىدە 157 ئادەم قازا قىلدى

2013.07.03 17:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە كەلكۈن، ھۆلچىلىك ئاپىتىدە 157 ئادەم قازا قىلغان، 16 ئادەم يوقاپ كەتكەن.

  تۈنۈگۈنگىچە قىلىنغان ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە 26 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە قارا يامغۇر، قار ئېرىش، تەيفېڭ بورىنى تۈپەيلىدىن 27 مىليون 190 مىڭ ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان، 157 ئادەم قازا قىلغان، 16 ئادەم يوقاپ كەتكەن، 1864 مىڭ گېكتار زىرائەت ئاپەتكە ئۇچرىغان، 60 مىڭ ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، تەخمىنەن 28 مىليارد يۈەن بىۋاسىتە زىيان بولغان.

  بۇ يىل 6-نومۇرلۇق ئىسسىق بەلباغ بورىنى «رۇمبىئا» گۇاڭدۇڭنىڭ غەربىدىن خەينەننىڭ شەرقىگىچە بولغان رايونلارنىڭ دېڭىز بويىغا يېقىنلاشقان، بۈگۈن گۇاڭدۇڭنىڭ ياڭجياڭدىن خەينەننىڭ چيۇڭخەيگىچە بولغان رايونلىرىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىشى مۇمكىن؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەرقىي شىمال، شىمالىي جۇڭگو، شىمالىي جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرقى، خۇاڭخې، خۇەيخې دەريالىرىنىڭ شەرقىي شىمالى، شەرقىي شىمالنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبى قاتارلىق رايونلاردا قاتتىق يامغۇر ياكى قارا يامغۇر ياغىدۇ.

  دۆلەتلىك كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى تۈنۈگۈن سائەت 11 دە كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ھەققىدە 5-دەرىجىلىك لايىھەنى يولغا قويدى ھەمدە ئالاقىدار ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە كەلكۈندىن، تەيفېڭ بورىنىدىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتىگە ھەمكارلىشىش، يېتەكچىلىك قىلىشقا ئالتە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە