باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي بانكا قىسمەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتىن قوللايدۇ

2013.07.01 14:54         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلق بانكىسى 25 – ئىيۇن مۇنداق دېدى: ھازىر يۈرۈشلەشكەن مەبلەغ ئومۇمىي مىقدارى ئۇنچە قىس ئەمەس. پەيت ۋە كەيپىيات خاراكتېرلىك ئامىللارنىڭ تۈگىتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە يۈرۈشلەشكەن مەبلەغنىڭ جىددىي بولۇش ئەھۋالى ئاستا – ئاستا ياخشىلىنىشى مۇمكىن.

  مەركىزىي بانكا مۇنداق دېدى: پۇل بازىرىنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، يېقىندا مەركىزىي بانكا ماكرو جەھەتتىن ئېھتىياتچان بولۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بەزى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى يۈرۈشلەشكەن مەبلەغ بىلەن تەمىنلىمەكچى بولۇۋاتىدۇ، ئەسلىدىنلا يۈرۈشلەشكەن مەبلەغقە ئىگە بەزى بانكىلارمۇ ئۆزىنىڭ تۇراقلاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بازارلاردا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈۋاتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن پۇل بازىرىدىكى ئۆسۈم نىسبىتى تۇراقلىشىشقا يۈزلەندى.

  مەركىزىي بانكا يەنە مۇنداق دېدى: كېيىنكى باسقۇچتا، مۇقىم پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، مۇقىم پۇل سىياسىتىنى ساقلاپ قالىمىز، رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بازارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، بازار مەشغۇلاتىنى ئاشكارىلاش، قايتا قەرز بېرىش، قايتا دىسكونت قىلىش ۋە قىسقا مۇددەتلىك مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈشنى تەڭشەش قورالى (SLO)، قەرز پۇل بېرىشنى قولايلاشتۇرۇش (SLF) قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىشچان قوراللارنى بىرىكتۈرۈشنى پائال قوللىنىپ، بانكا سىستېمىسىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى مۇۋاپىق پەيتتە تەڭشەپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدىكى نورمالسىز تەۋرىنىشنى تۇراقلاشتۇرۇپ، بازارنىڭ كەلگۈسى ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، پۇل بازىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇقىم ئايلىنىشى ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ تەڭشىلىشى، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ئۈچۈن ياخشى پۇل شارائىت ھازىرلايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە