- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئىمپورت يېمەكلىكلىرىنى چېگرىدىن بىخەتەر كىرگۈزۈش ھەرىكىتى باشلاندى
2013.06.28 13:37 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى 26-ئىيۇن شاڭخەيدە «ئىمپورت يېمەكلىكلىرىنى چېگرىدىن بىخەتەر كىرگۈزۈش ھەرىكىتى»نى باشلىدى، بۇندىن كېيىن، ئىمپورت يېمەكلىكلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش سىستېمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، بازارغا ئىجازەتلىك كىرىش چىڭىتىلىپ، ئەنگە ئېلىشنى سۈرۈشتۈرۈش ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.
نۆۋەتتە، ئېلىمىز ھەر يىلى ئىمپورت قىلىدىغان يېمەكلىكنىڭ كۆلىمى 111 مىليارد 440 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ، دۆلەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى بۇندىن كېيىنكى سىياسەت يۈزلىنىشى ھەققىدە مۇنداق دېدى: ئىمپورت يېمەكلىكلىرىنىڭ پۈتۈن جەرياندىكى بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خېيىم-خەتەرنى باھالاش ۋە بازارغا ئىجازەتلىك كىرىش ئۆتكىلىگە بىرلەشتۈرۈپ، چەتئەللەرگە قارىتىلغان سۈپەت بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىمىز؛ جايلاردىكى ئىمپورت كارخانىلىرىنى ئەنگە ئېلىش، ئىمپورت يېمەكلىكلىرى ۋە سېتىش خاتىرىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىمپورت يېمەكلىكلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. تەكشۈرۈپ چىقىلغان لاياقەتسىز ئىمپورت يېمەكلىكلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىگە كىرىپ ئوبوروت قىلىنىشىنى قەتئىي توسىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە