- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شەھەرلەرگە نوپۇسقا ئېلىش تەدرىجىي قويۇپ بېرىلىدۇ
2013.06.28 13:36 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۈ شاۋشى 26-ئىيۇن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دوكلات بەرگەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇندىن كېيىن شەھەر-بازارلاشتۇرۇشتا دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن 1 مىليارد 800 مىليون مو تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقى ساقلاپ قىلىنىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: شەھەر-بازار نوپۇسىغا كىرگۈزۈلگەن 200 مىليوندىن ئارتۇق دېھقان ئىشلەمچى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، كاپالەتلىك تۇرالغۇ قاتارلىق تەرەپلەردە شەھەر-بازار ئاھالىلىرىگە ئوخشاش ئاساسىي ئاممىۋىي مۇلازىمەتتىن تېخى بەھرىمەن بولالمىدى. بۇندىن كېيىن نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. كىچىك شەھەر بازارلار ۋە كىچىك تىپتىكى شەھەرلەرگە نوپۇسقا ئېلىش چەكلىمىسى ئومۇميۈزلۈك قۇيۇۋېتىلىدۇ، ئوتتۇرا تىپتىكى شەھەرلەرگە نوپۇسقا ئېلىش چەكلىمىسى تەرتىپلىك قويۇۋېتىلىپ، چوڭ شەھەرلەرگە نوپۇسقا ئېلىش شەرتى تەدرىجىي قۇيۇۋېتىلىدۇ، پەۋقۇلادە چوڭ شەھەرلەرگە نوپۇسقا ئېلىش شەرتى مۇۋاپىق بېكىتىلىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېزا ئىگىلىكىدىن يۆتكەلگەن نوپۇس شەھەر بازار ئاھالىسىغا ئايلىنىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە