باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇھىت ئاسراش قانۇنىغا يېڭى مەزمۇنلار قېتىلدى

2013.06.28 13:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىككىنچى قېتىم قاراپ چىقىلىۋاتقان «مۇھىت ئاسراش قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى»دە قانۇنسىز بۇلغىما قويۇپ بېرىش قىلمىشلىرىنى جازالاش سالمىقى زورايتىلدى. لايىھەدە كارخانىلارنىڭ قانۇنسىز بۇلغىما قويۇپ بېرىش قىلمىشىنى جازالاشقا دائىر بەلگىلىمىلەر كۆپەيتىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ مىڭچى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «كارخانا كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقىرىش تىجارەتچىلىرى سۈڭگۈچ، ئەۋرەز، يۇقىرى بېسىملىق قويۇپ بېرىش ياكى باشقا نازارەت قىلىشتىن قېچىش شەكلى ئارقىلىق بۇلغىما قويۇپ بېرىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  لايىھەدە يەنە ھۆكۈمەت خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ ھەرىكىتى ھەققىدە بەلگىلىمە چىقىرىلدى، مۇھىت قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانات ئاستىغا ئالغان؛ ئۆلچەپ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىنى يالغاندىن ياسىغان ياكى ياساشقا كۆرسەتمە بەرگەن؛ قانۇن بويىچە ئاشكارلاشقا تېگىشلىك مۇھىت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارلىمىغان؛ يىغىۋېلىنغان بۇلغىما قويۇپ بېرىش خىراجىتى ياكى مۇھىت ئاسراش مەخسۇس مەبلىغىنى تۇتۇپ قالغان، ئىگەللىۋالغان ياكى باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارنى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇنداقلا ئالاقىدار تارماقلار ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ ياكى خىزمەتتىن ھەيدەيدۇ. ئاساسلىق مەسئۇل خادىم ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلىدۇ. جۇڭخۇا مۇھىت ئاسراش بىرلەشمىسى شۇنداقلا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردە تەسىس قىلىنغان مۇھىت ئاسراش بىرلەشمىلىرى مۇھىتنى بۇلغاش، ئېكولوگىيەگە، جەمئىيەتنىڭ ئاممىۋىي مەنپەئەتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرى ئۈستىدىن خەلق سوت مەھكىمىلىرىگە ئەرز سۇنسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە