باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇھىت ئاسىراش قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى ئىككىنچى قېتىم قاراپ چىقىلدى

2013.06.27 10:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇھىت ئاسىراش قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى تۈنۈگۈن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 3-سانلىق يىغىنىنىڭ ئىككىنچى قېتىم قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى، نۆۋەتتە يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلاردا بۇلغىنىش ئېغىر بولۇش ئەھۋالى كۆزدە تۇتۇلۇپ، يېزا مۇھىتىنى قوغداشنى تىگىشلىك كۈچەيتىش ئوتتۇرغا قويۇلدى.

  ئېلىمىز يېزىلىرىنىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسى كۈنسايىن گەۋدىلىك بولماقتا، يېزىلارنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارى پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي بۇلغىما مىقدارىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگەللەپ، سۇ، تۇپراق، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ مۇھىم مەنبىيى بولماقتا. مۇھىت ئاسىراش قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسىدە ھەر قايسى ساھەدىكىلەرنىڭ پىكىرى ۋە تەكلىپىنى قۇبۇل قىلىش ئاساسىدا بەلگىلىمىلەر كۆپەيتىلىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكى مۇھىتىنى قوغداش يېڭى تېخنىكىسىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە تۈرتكە بولۇشى، يېزا بۇلغىما مەنبەلىرىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەدبىر قوللىنىشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، يېزىلارنىڭ مۇھىتىنى قوغدىشى كېرەكلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزىلارنىڭ مۇھىتىنى قوغداش ئاممىۋىي مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا مۇھىتىنى ئونۋېرسال تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم. ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزىلاردىكى تۇرمۇش كېرەكسىز بۇيۇملىرىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

  لايىھەدە يەنە مۇنۇلار بەلگىلەندى: يېزا ئىگىلىكىدە ئوغۇت ئىشلىتىش ۋە سۇغرىشقا قارىتا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئېغىر مېتاللار شۇنداقلا باشقا زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. مال، قۇش باقمىچلىق مەيدانلىرى، باقمىچىلىق رايونلىرى، نۇقتىلىق قۇشخانا كارخانىلىرىغا قارىتا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، مال-چارۋا، قۇشلارنىڭ چىقىرىندىلىرى، ئۆلۈكى، بۇلغىما سۇ قاتارلىق كېرەكسىز ماددىلارنى ئىلمىي بىر تەرەپ قىلىپ، مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە