14-ئىيۇن، ئائىلە باشلىقلىرى ياڭجۇ شەھىرى يۈبۇ يولىدىكى يەسلى ئالدىدا ئۆچرەتتە تۇردى. 15-،16-ئىيۇن گۇاڭشى ليۇجۇ شەھىرىنىڭ يەسلىگە كىرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تىزىمغا ئالىدىغان كۈنى، يەرلىكتىكى بىر قىسم ئاتا ـ ئانىلار بالىلىرىنى ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى يەسلىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن كېچە بولۇشىغا قارىماي ئۆچرەتتە تۇردى. ئىگىلىنىشىچە، ليۇجۇ شەھىرىدە 200دىن ئارتۇق يەسلى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئارانلا 14 يەسىلى ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى يەسلى ئىكەن، بۇ يەسلىلەرنىڭ قوبۇل قىلدىغان ئوقۇغۇچى سانىمۇ ئىنتايىن چەكلىك ئىكەن. ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى يەسىلىلەرنىڭ ئالىدىغان ھەققى تۆۋەن، نوپۇزى ياخشى بولغانلىقتىن، بىر قىسىم ئاتا ـ ئانىلار «قىستىلىشىپ بېشى يېرىلىپ كېتىدىغان» ئىش بولسىمۇ بالىسىنى ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى يەسلىگە ئاپىرىشنى ئارزۇلايدىكەن. نۆۋەتتە، يەسلى مائارىپىدا «ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى يەسلىلەرگە كىرىش تەس» ، شەخسىي يەسلىلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى قىممەت بولۇش مەسىلىسى كۆرۈلگەچكە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئاتا ـ ئانىلارنىڭ كېچىچە ئۆچرەتتە تۇۇرۇش ئەھۋالى كۆرۈلگەن،
مەنبە: خەلق تورى