باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كالىفورنىيەگە يېتىپ باردى(2)

2013.06.08 14:30   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كالىفورنىيەگە يېتىپ باردى(2)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇن ئامېرىكا كالىفورنىيەدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-چېسلا ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا يېتىپ باردى، ئۇ 7-چېسلادىن 8-چېسلاغىچە ئانېنبېرگ قورۇقىدا زۇڭتۇڭ ئوباما بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ.شۇ جاي ۋاقتى 6-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن سائەت 6دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن كالىفورنىيە شىتاتىدىكى ئونتارىئو خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ باردى. كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ باشلىقى بىروۋىن ۋە ئۇنىڭ خانىمى، لوس ئانژېلېس شەھىرىنىڭ باشلىقى ۋىلارايگوسا ۋە ئۇنىڭ خانىمى شى جىنپىڭ بىلەن رەپىقىسى پېڭ لىيۈەننى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

  شى جىنپىڭ ئوباما بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى ئۈستىدە كەڭ دائىرىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. بۇ ـــ ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى نۆۋەت ئالماشقاندىن كېيىن جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشى ھېسابلىنىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى راۋ ئەيمىن فوتوسى (مۇخبىر دۇ شاڭزې، چېن يىمىڭ خەۋىرى؛جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

 سۈرەتلەر

 ئاڭلىغانمۇسىز