باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چىڭداۋدا فالۇن گۇمپىسى ئەزالىرى ئويدۇرۇپ چىقارغان «قىيناپ زىيانكەشلىك قىلىش»قا دائىر سۈرەتلەر توغرىسىدىكى دېلو پاش قىلىندى

2013.06.05 16:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇن چىڭداۋدىن بەرگەن خەۋىرى: فورما كىيگەن بىرنەچچەيلەن چېچىدىن قاماللاپ تۇتۇۋالغان بىر ئادەم بارماقلىرى ئارىسىغا چىش چوتكىسى قىستۇرۇلغان، قوللىرى قانغا بويالغان ھالدا تۇرىدۇ؛يەنە بىر ئادەمدۈمبىسىقان ئىزلىرىغا تولغان، پۇت-قولى چەمبەرچاس باغلانغان ھالدا يەردە تۈگۈلۈپ ياتىدۇ...

  بۇ شەندۇڭ چىڭداۋ ساقچى دائىرىلىرى بۇ يىل 5-ئاينىڭ 2-كۈنى بىر دېلودا تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن سۈرەتتىكى كۆرۈنۈش.

  چىڭداۋ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى چېڭياڭ شۆبىسىنىڭ ليۇتىڭ چىگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسىدىكى بىر خەلق ساقچىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ بىر فالۇن گۇمپىسى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى قەستەن ئويدۇرۇپ چىقارغان ئاتالمىش «قىيناپ زىيانكەشلىك قىلىش»قا دائىر تىپىك دېلو ئىكەن. بۇ سۈرەتنى فالۇن گۇمپىسى بىدئەت تەشكىلاتىنىڭ گۇماندار لۇ شۆچىن باشچىلىقىدىكى 16 نەپەرغوللۇق ئەزاسىپاكىتنى بۇرمىلاپ، پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ، جۇڭگونىڭ يۈزىگە قارا سۇۋاش مەقسىتىگە يېتىشئۈچۈن، ھەقىقىي ئادەمنى ياساندۇرۇپ سۈرەتكە تارتىش ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرگەنىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە