باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى %8.6 كۆپەيدى

2013.06.04 17:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىستاتىستىكا قىلىنىشچە، 2012-يىلى مەملىكەت بويىچە يېزىلاردىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى مەملىكەت بويىچە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ %59.1ىگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە يېزىلاردىن ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان تولۇق كۇرۇس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نىسبىتى %52.5نى، بىرىنچى تۈركۈمدە ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى %45.7كە يەتكەن. يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش نىسبتى يەنىلا بىر قەدەر تۆۋەن بولغان.

  بۇ يىل 5-ئاينىڭ 15-كۈنى گوۋۇيۈەن دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە يېزىلاردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، بۇ يىلقى يېزا ۋە نامرات رايونلاردىن نىشانلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەخسۇس پىلانىنى كېڭەيتىپ، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن تولۇق كۇرۇسقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى ئالىي مائارىپ ئەسلىھەلىرى نىسبەتەن كەمچىل، ئۆرلەپ ئوقۇش بېسىمى ئېغىر، يېزا ئوقۇغۇچىلىرى كۆپ بولغان ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئۆلكە رايونلىرىغا قوللىنىش قارار قىلىندى.

  2013-يىللىق نامرات رايونلارغا يۈزلەنگەن نىشانلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەخسۇس پىلانى كېڭەيتىلىپ يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى بۇلتۇرقىدىن %8.6 كۆپەيگەن. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە