باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ داليەن نېفىت خىمىيە سانائىتى شۆبە شىركىتىدە ماي باكى پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى (2)

2013.06.03 16:35   مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ داليەن نېفىت خىمىيە سانائىتى شۆبە شىركىتىدە ماي باكى پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى (2)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن داليەندىن بەرگەن خەۋىرى: بۈگۈن سائەت 14تىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ داليەن نېفىت خىمىيە سانائىتى تارماق شىركىتىدە ماي باكى پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قالدۇق دىزېل مېيى قاچىلانغان ئىككى ماي باكى پارتلاپ، ئاز دېگەندىمۇ 2 ئادەم يوقاپ كەتتى، 2 ئادەم يارىلاندى.

  مۇخبىرنىڭ داليەن شەھەرلىك جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىشىچە، داليەن نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ گەنجىڭزى رايونىغا جايلاشقان زاۋۇتىنىڭ بىر بىرلەشمە سېخىدىكى 939-باكقا ئوت كەتكەن، بۇ باك كوكس مېيى قاتارلىق قالدۇق مايلارنى ساقلاشقا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىنىۋاتقانىكەن. ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىشى ئارقىسىدا، سائەت 16دە ئوت پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلدى. (ۋاڭ جىنخەي خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز