باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۇنيا ئىس تۈتەكسىز كۈنىدە تاماكىنى مەنئىي قىلىش مۇراجەت قىلىنىدۇ

2013.05.30 14:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 30-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:31-ماي دۇنيا ئىس تۈتەكسىز كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ۋاكالەتخانىسى تۈنۈگۈن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ تاماكىنى كونترول قىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، تاماكىغا دائىر ئېلان بېرىش، سېتىشنى تېزلىتىش ۋە تاماكا ئىشلەپچىقىرىشنى قوللاشنى ئومۇميۈزلۈك مەنئىي قىلىشنى مۇراجەت قىلدى.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ «دۇنيادا تاماكىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات»تا تىلغان ئېلىنغا 195 دۆلەت ئىچىدە جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان %60 دۆلەت ھەر خىل شەكىلدىكى تاماكىغا دائىر ئېلان بېرىش، سېتىشنى تېزلىتىش ۋە تاماكا ئىشلەپچىقىرىشنى قوللاشنى ئومۇميۈزلۈك مەنئىي قىلمىغان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋاكالەتخانىسىنىڭ خادىمى فەن جىلەن تاماكىنى كونترول قىلىش كەسكىن ۋەزىيىتى ئۈستىدە مۇنداق تەكلىپ بەردى: ھەر خىل شەكىلدىكى تاماكىغا دائىر ئېلان بېرىش، سېتىشنى تېزلىتىش ۋە تاماكا ئىشلەپچىقىرىشنى قوللاشقا دائىر تەشۋىقاتلارنى ئومۇميۈزلۈك مەنئىي قىلىپ، جۇڭگونىڭ زور دەرىجىدىكى تاماكا ئىستېمالى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆلۈش ۋە كېسەل بولۇش نىسبىتىنى ئازايتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە