باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى جۇڭگو ۋە چەتئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى

2013.05.30 14:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 30-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 31-كۈنىدىن باشلاپ، ترىنىداد ۋە توباگو، كوستارىكا ۋە مىكسىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ شۇنداقلا 7-ئىيۇن ۋە 8-ئىيۇن ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما بىلەن كۆرۈشىدۇ، تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى جۇڭگو ۋە چەتئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدىكى مۇھىم پائالىيىتى ۋە ئۇنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تونۇشتۇردى. دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى جاڭ كۈنشېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى زىيارەت جۇڭگونىڭ يوقارقى ئۈچ دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەھمىيىتى چوڭ، جۇڭگو بىلەن ترىنىداد ۋە توباگو كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ، ترىنىداد ۋە تۇباگو جۇڭگونىڭ كارىب رايوندىكى ئەڭ مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى، كوستارىكا جۇڭگو ئوتتۇرا ئامېرىكىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بىردىن بىر دۆلەت، جۇڭگو كوستارىكا بىلەن ئىقتىساد سودا، سۈپەت تەكشۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىشىدۇ، مىكسىكا لاتىن ئامېرىكىسىدىكى چوڭ دۆلەت، بازىرى يېڭىدىن گۈللەنگەن مۇھىم دۆلەت، جۇڭگو بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ئەڭ كۆپ لاتىن ئامېرىكىسى دۆلىتى، رەئىس شى جىنپىڭ مىكسىكا پارلامېنىتدا مۇھىم سۆز قىلىدۇ.

  رەئىس شى جىنپىڭ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىپ دېڭىزى بويىدىكى ئۈچ دۆلەتكە قىلغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، 7- ۋە 8-ئىيۇن ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى ئانبوگ ئېكىنزارلىقىدا پىرېزدېنت ئوباما بىلەن كۆرىشىدۇ، بۇ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرى نۆۋەت ئالماشقاندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى يۈز تۇرانە ئۇچرىشىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ شەكلى ئالاھىدە بولغانلىقتىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ دېققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى، دىپلوماتىيە مىنىستىرىمىزنىڭ ياردەمچىسى جېڭ زېگۇاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، ئامېرىكا ئەڭ چوڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەت، مەيلى قايسى تەرەپتىن بولمىسۇن جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتى يەر شارى خاراكتېرلىك تەسىرگە ۋە ئىستراتگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى داۋاملىق، مۇقىم تەرەققىي قىلىۋاتقان جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت خەلقىغە غايەت زور پايدا ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي رول ئوينايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە