باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ليۇ تيېنەن دېلوسىدا ئىلگىرىلەش بولدى(2)

2013.05.21 17:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ھالبۇكى بۇ ھۆكۈمەت تەرەپ ئىسپاتلىغان سۆز ئەمەس. ئارىدىن 4 ئايغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، گەرچە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇششاق-چۈششەك گەپ سۆزلەر ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرالمىدى، تور ئەھلى يەنە بىر قېتىم لو چاڭپىڭ ئۆتكەن يىلى پاش قىلىپ يازغان ئۇزۇن مەمۇنلارنى قايتا كۆتۈرۈپ چىقتى.

  لو چاڭپىڭنىڭ سۆزى بويىچە، ئۇ ليۇ تيېنەننىڭ ئاشنىسىنىڭ ياپونىيەدىن ئۇرغان تېلېفۇنىنى قۇبۇل قىلىپ، دەسلەپكى ئۇچۇرغا ئېرىشكەن.

  ئارىلاپ تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، بۇ ۋەقەدە، %31.7 تور ئەھلى ئاشنىسىنىڭ چىرىكلىككە قارىشى تۇرۇشىغا دىققەت قىلغان، لېكىن ناھايىتى كۆپ تور ئەھلى پىكىرىنى ئاددىلا مەسخىرە قىلىش ئەمەس، بەلكى بۇ خىل ھادىسىدىن ئويغا چۆككەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بىر تورداش مۇنداق دېدى: گەپنىڭ تېگى تەكتىنى ئېيتقاندا، ئاشنىسىنىڭ پاش قىلىشى مەنپەئەت توقۇنىشىدىن بولغان، ئۇنداق بولمىسا ئۇ پاش قىلمايدۇ. ئەگەر چىرىكلىككە قارىشى تۇرۇشتا تۈزۈم قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلمىسە، ھوقۇق قەپەرگە كىرگۈزۈلمىسە، ھۆكۈمەتنىڭ نازارىتى كۈچەيتىلمىسە، چىرىكلىك مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.

  13-ماي لو چاڭپىڭ ئۆزىنىڭ مىكرو بىلوگىدىكى ئاممىۋىي ھېسابات نومۇرىدا ماقالە ئېلان قىلىپ: بۇ دېلودا بۆسۈش بولدى، دېدى. ئەمەلىيەتتە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن پارىخور ئەمەلدارلار ئەمىلىدىن قالدى، جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش، شەھۋانىي سۆرەت، داڭلىق سائەت، ئاشنا، ئۆي مۈلۈك كېنىشكىسى، كىملىك قاتارلىق ئامىللار بۇنىڭغا سەۋەب بولدى.

  ئارىلاپ تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، %15.8 تور ئەھلى ئەمەلىي ئىسمى بىلەن پاش قىلىش-ئەمەلدارلارغا ئاممىنىڭ نازارىتىنى قۇبۇل قىلغۇزۇش، چېرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى دەپ قارىغان، يەنە بىر تۇر ئەھلى مۇنداق دەپ قارىدى: ليۇ تيېنەن تۇنجى كىشى ئەمەس، شۇنداقلا ئاخىرقى كىشىمۇ ئەمەس، شۇنداقلا ئەڭ چوڭ كىشىمۇ ئەمەس. خەلقنىڭ نازارىتىگە تايانغاندىلا، ئاندىن توغرا يولنى تاپقىلى بولىدۇ.

  لېكىن يەنە بىر تور ئەھلى ئاممىغا تايىنىپ چىرىكلىككە قارىشى تۇرۇشقا بولغان ئەنىدىشىسىنى ئىپادىلىدى. ئەگەر يولۋاسنى تۇتىدىغان، چىۋىن ئۆلتۈرىدىغان بۇنداق خەتەرلىك ئىشلارغا ئامما نازارەتچىلىك قىلسا، چىرىكلىككە قارىشى تۇرۇشتا ۋەزىپە ئېغىر، مەنزىل يىراق بولۇپ قالىدۇ. ليۇ تيېنەن ئەمەلىدىن قالدى، بۇنىڭغا تەنتەنە قىلىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، لېكىن بۇ چىرىكلىككە قارىشى تۇرۇشنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇ ھەم دۆلەتنىڭ بەختى، ھەم خەلقنىڭ بەختى.

  گەرچە ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل پوزىتسىيە بولسىمۇ، جۇڭگو سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پرافېسسورى لاڭ پېيجۈەننىڭ قارىشى بۇنىڭغا زىت ئەمەس.

  تورنىڭ ئەمەلدارلارنى نازارەت قىلىشى ھەرگىز تەسەددىپىي ئىش ئەمەس، بۇنىڭ مەلۇم مۇقەررەرلىكى بار. لاڭ پېيجۈەن جۇڭگو ياشلار گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئاممىۋىي ھوقۇق پۇقرالارنىڭ نازارىتىنى قۇبۇل قىلىشى كېرەك دېگەن قاراش پەيدىن پەي تىكلەندى، پۇقرالارنىڭ ھوقۇق ئېڭى، قاتنىشىش ئېڭى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئۆستى. ئەكسىچە ئېيتقاندا، ھۆكۈمەت تەرەپ تورلارنىڭ نازارىتىگە ئىنكاس بىلدۈرگەن دېلولار بارغانچە كۆپەيمەكتە، بۇ ئاممىۋىي ھوقۇقنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئاممىنىڭ دېموكراتىك نازارەت قىلىش ئېڭىنى ئۆستۈرىدۇ.

  پۈتۈن جامائەت پىكىرىنىڭ نازارەت قىلىش مۇھىتى ئىجابىي يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلماقتا، لېكىن بۇ جەرياندا، شۇنى كۆرۈش كېرەككى بەزى تارماقلار بەزى ۋاقىتلاردا يەنىلا قورقىدۇ، ياكى ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، ياكى قانات ئاستىغا ئالىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە