باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەق ئالىدىغان تاشيوللارنى باشقۇرۇش نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ

2013.05.10 14:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قاتناش ترانسپورت مىنىستىرلىقى8-ماي ھەق ئالىدىغان تاشيوللارنى باشقۇرۇش نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئالدى.

  پىكىر ئېلىش نۇسخىسىغا ئاساسلانغاندا، تىجارەت خاراكتېرلىق تاشيوللارنىڭ ھەق ئېلىش مۆھلىتى مەبلەغنى قايتۇرۇۋېلىش ھەمدە مۇۋاپىق پايدىغا ئېرىشىش پرىنسىپىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ. ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 30 يىلدىن ئاشمايدۇ. دۆلەت ھەقسىز سىياسىتىنى يولغا قويۇپ تىجارەتنى باشقۇرغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىگە تەسىر يەتكۈزگەن ئىشلار بولسا ،ھەق ئېلىش يىل چېكىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىش قاتارلىق شەكلىدە تولۇقلىما بەرسە بولىدۇ.

  پىكىر ئېلىش نۇسخىسىغا ئاساسەن، قەرزنى قايتۇرۇش، تىجارەت مەزگىلى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئاممىۋى مالىيە ئاسراش ھەققىنى ئۈستىگە ئالغاندىن باشقا، تىز سۈرئەتلىك تاشيول ئاساسلىق ئاسراش باشقۇرۇش چىقىمى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش پرىنسىپى ئاساسىدا يۈرۈش ھەققى ئالسا بولىدۇ. ھەق ئېلىش يىل چېكى تاشيولنىڭ ئىككى چوڭ رېمونت قىلىش مەزگىلىگە ئاساسەن تەكشۈرۈپ تەستىقلىسا بولىدۇ.

  پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا مۇنۇلار بەلگىلەندى: تىز سۈرئەتلىك تاشيول ۋە باشقا پېچەتلەش شەكلىدىكى ھەق ئالىدىغان تاشيولنىڭ ئىككى بېشىدىكى كىرىش چىقىش ئېغىزىدىن باشقا ئاساسىي يول لىنىيىسىدە ھەق ئېلىش پونكىتى تەسىس قىلسا بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە