باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ھىندىستان چېگرا تىركىشىشى مۇۋاپىق ھەل قىلىندى

2013.05.10 14:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 8-ماي ئىچىلغان قەدەرلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ۋە ھىندىستان ئوخشاشلا مۇھىم يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر، جۇڭگو ھىندىستان مۇناسىۋىتىنى ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. ئاسىيا ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىق، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشگە پايدىلىق.

  خۇا چۈنيىڭ يېقىندا جۇڭگو ھىندىستان چىگرىسىدە يۈز بەرگەن تىركىشىش ۋەقەسىگە جاۋاپ بىرىپ مۇنداق دېدى: چىگرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى دەل ۋاقتىدا مۇۋاپىق ھەل قىلىش جۇڭگو ھىندىستان ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كىلىدۇ، بۇ ھەم ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق ئارزوسى. كىڭىشىش ئارقىلىق، ئىككى تەرەپ جۇڭگو ھىندىستان چىگرىسىنىڭ غەربىي بۆلىكىدىكى ۋەقەنى ھەل قىلىش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە، ئالاقىدار مەسىلىلەر مۇۋاپىق ھەل قىلىندى. بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىن ئىبارەت ئومۇمىي ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئىجابىي ھەمكارلىشىش پوزىتسىيەسى بويىچە، بىرلىككە تىرىشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى. بىز ھىندىستان بىلەن بىرلىكتە، چىگرا رايوننىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداش، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ساغلام مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە