باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى 133 مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرىنى بىكار قىلدى ۋە چۈشۈرۈپ بەردى

2013.05.10 09:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر ئايغىمۇ بارمىغان ۋاقىتتا،دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئىككى قېتىم دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىپ، 133 مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرىنى بىكار قىلدى ۋە چۈشۈرۈپ بەردى. يۇقىرى قاتلامدىكى لايىھەلەشنىڭ پەيدىن-پەي ئېنىق بولۇشىغا ئەگىشىپ، بۇنى قانداق ھەقىقىي ئىجرا قىلىش نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش بولۇپ قالدى. بۇ يىللىق ئىككى يىغىندىكى باش مىنىستىر تاراتقۇلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش يىغىنىدا، يېڭى باش مىنىستىر لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ھازىر دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىنىڭ مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرىدىن يەنە 1700دىن كۆپرەكى بار، بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت بۇنىڭ 3تىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكىنى قىسقارتىشقا ئىرادە باغلىدى.بەزىلەر ھۆكۈمەتتە ئورنى خاتا بەزى مەسىلىلەر بار دەۋاتىدۇ، ئەگەر ھۆكۈمەتتە خاتالىق بولسا، ئۇنى بازارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىمىز. بىز دېگىنىمىزنى قىلىشقا ئىرادە باغلىدۇق.

  نۇرغۇن كارخانىچىلار تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى جۇڭگونىڭ كارخانا قۇرۇشىدىكى توساق دەپ قارايدۇ، 3تىن بىر قىسىمدىن ئارتۇق ھۆكۈمەت تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرىنى ئازايتىش يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ جەمئىيەتكە بەرگەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋەدىسى بولۇپ قالدى. گوۋۇيۈەننىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىنىڭ ھازىر تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان 1700دىن ئارتۇق مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرىنى قانداق قىلىپ ئاددىيلاشتۇرۇش ئەلئارا ئىقتىسادنى قوزغىتىش قوزغىتالماسلىقنىڭ ئاچقۇچى. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ شىشىن تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇنىڭ ئەڭ زور ئەھمىيىتى شۇ يەردىكى بۇنىڭدا ھۆكۈمەت نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا تېگىشلىكلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ، ئېنېرگىيە ۋە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ياخشى باشقۇرالايدۇ. بازار ئارقىلىق تەڭشەيدىغان، بازار سۇبيېكتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئىشلار بولسا، بازارغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. بازار ئۆزىنىڭ مېخانىزمى ئارقىلىق تېخىمۇ ھاياتى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

  دەل مۇشۇنداق بولغانلىقتىن، بىر ئايغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىتتا،دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى 133 مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرىنى بىكار قىلدى ۋە چۈشۈرۈپ بەردى، بۇ ئالدى بىلەن سىناق قىلىش پۇرسىتى بولغان جايلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ يەردىكى كىشىلەر ئىسلاھات ئېلىپ كەلگەن ھاياتى كۈچنى تېخىمۇ بالدۇر ھېس قىلالايدۇ. بۇ يىل 1-مارت شېنجېن، جۇخەي بىرلا ۋاقىتتا سودا ئىشلىرىنى تىزىملاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىن كېيىنكى تۇنجى تىجارەت كىنىشكىسىنى تارقاتتى. شېنجېندىكى بىر شىركەت ئالغان يېڭى كىنىشكىدە تىجارەت دائىرىسى ۋە كاپىتالىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى تۈر يوق بولدى. شىركەتنىڭ قانۇنى ئىگىسى لۈ جىخۇي مۇنداق دېدى: ماتېرىيال تاپشۇرۇپ كىنىشكە ئالغۇچە بىر كۈنلا ۋاقىت كەتتى، سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ يېڭىدىن تىزىملاش چارىسى بىزنىڭ ئىشىلىرىمىزنى خېلىلا ئاددىيلاشتۇرۇپ قويدى. ھالبۇكى مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇقىنى ئاددىيلاشتۇرۇش ۋە تەڭشەش بازارنىڭ پۇت قولىنى بوشىتىشتىكى ئاچقۇچ. ئىلگىرى قىسمەن رايونلاردىكى كىشىلەرلا قولايلىقتىن بەھرىمەن بولاتتى. بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالاقىدار تارماقلار 600دىن ئارتۇق تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرىنى ئېنىقلاپ چىققان، ھازىر 30 نەچچە مىنىستىرلىق كومىتېتقا چېتىلىدىغان مەبلەغ سېلىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرى كەلگۈسىدە مەبلەغ سېلىش سۇبيېكتلىرى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە