باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى جۇڭگو تېبابىتى دورىسىنىڭ H7N9 تىپلىق تارقىلىشچان قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغان 24 بىمارنى داۋالاشتىكى ئۈنۈمىنى مۇئەييەنلەشتۈردى

2013.04.22 16:50         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بۈگۈن بېيجىڭدا ئاچقان يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر جۇڭگو تېبابىتى دورىسىنىڭ ئادەم H7N9 تىپلىق تارقىلىشچان قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملىنىشنى داۋالاشتىكى ئۈنۈمىنى تونۇشتۇردى.

  ئادەم H7N9 تىپلىق تارقىلىشچان قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى جۇڭگو تېبابىتى دورىسى بىلەن تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ليۇ چىڭچۈەن مۇنداق دېدى: بېيجىڭدىكى يۇقۇملانغان بالا جۇڭگو تېبابىتى دورىسى بىلەن غەرب تېبابىتى دورىسىنى تەڭ ئىشلىتىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنىڭ بىر مىسالى. بۇنىڭدا كېسەلنىڭ قوزغىلىشى تېز بولغان، قىزىتمىسى يۇقىرى، ئۆپكىسى ياللۇغلانغان. بىمارغا دافېي(ئوسېلتامىۋىر) ئىشلىتىپ 15 سائەتتىن كېيىن، بىمارنىڭ قىزىتمىسى 39.8 گىرادۇس ئەتراپىدىكى ۋاقىتتا جۇڭگو تېبابىتى دورىسىنى ئىشلەتتۇق. يىڭچياۋسەنخې بەيخۇ شورپىسىنى ئىچىپ ئۈچ سائەتتىن كېيىن، بىمار تەرلەشكە باشلىدى، بەش سائەتتىن كېيىن قىزىتمىسى 37.5 گىرادۇسقا چۈشتى. بىمار جۇڭگو تېبابىتى دورىسىنى ئىچىپ 16 سائەتتىن 17 سائەتچە بولغاندا ئىسپىرتلىق رەۋەن(جيۇداخۇاڭ)نى قوشۇپ ئىشلەتتۇق، بۇنىڭ بىلەن بىمارنىڭ چوڭ تەرىتى راۋانلاشتى. بۇ بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ مۇقىملاشقانلىقىنى، قايتا قوزغالمايدىغانلىقىنى، بەدەندىكى ئىسسىقلىق بىلەن سوغۇقلىقنىڭ تۈگىگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  دۆلەت جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى داۋالاش مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شۈ جىرېن مۇنداق دېدى: جۇڭگو تېبابىتى دورىسىنىڭ ئادەم H7N9 تىپلىق تارقىلىشچان قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملىنىشنى داۋالاشتىكى ئۈنۈمىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. ھازىر، مەملىكىتىمىزدە ئېنىق دىياگنۇز قويۇلغان 77 بىمار ئىچىدە، جۇڭگو تېبابىتى دورىسى 24 بىمارنى داۋالاشقا ئىشلىتىلدى. كىلىنىكىلىق ئەمەلىيەت جۇڭگو تېبابىتى دورىسىنى دەسلەپكى مەزگىلدە ئىشلىتىشنىڭ روشەن ئۈنۈمى بولىدىغانلىقىنى، كېسەللىك ئەھۋالى ئوتتۇراھال، ئېغىر بىمارلاردا جۇڭگو تېبابىتى دورىسىنىڭ مەلۇم ھالقىلاردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە