- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى: 102 ئادەم H7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملاندى، بۇنىڭ ئىچىدە 20 ئادەم قازا قىلدى
2013.04.22 16:48 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 21-ئاپرېل ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ، 21-ئاپرېل سائەت 16:00 غىچە ، مەملىكىتىمىز بويىچە جەمئىي 102 ئادەم H7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ، بۇنىڭ ئىچىدە 20 ئادەم قازا قىلىپ ، 12 ئادەمنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى ، باشقا 70 ئادەم نۆۋەتتە نۇقتىلىق داۋالاش ئورۇنلىرىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان .
مەلۇماتتا دېيىلىشىچە ، 20-ئاپرېل سائەت 16:00 دىن 21-ئاپرېل سائەت 16:00 گىچە ، مەملىكەت بويىچە بۇ خىل قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغان ئادەمدىن جياڭسۇ ئۆلكىسىدىن بىر كىشى (نۆۋەتتە شاڭخەيدە داۋالىنىۋاتقان بولۇپ ، شاڭخەي شەھىرى دوكلات قىلغان )، جېجياڭ ئۆلكىسىدىن بەش كىشى بولۇپ ، يەنە ئالتىسى كۆپەيگەن .
نۆۋەتتە ، بۇ خىل زۇكام بىلەن يۇقۇملانغانلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا بېيجىڭ(بىر نەپەر)، شاڭخەي(33 نەپەر، 11ى قازا قىلغان)، جياڭسۇ (24 نەپەر، ئۈچى قازا قىلغان ) ، جېجياڭ (38 نەپەر ، بەشى قازا قىلغان )، ئەنخۇي(ئۈچ نەپەر، بىرى قازا قىلغان)، خېنەن(ئۈچ نەپەر) قاتارلىق ئالتە ئۆلكە-شەھەردىن بايقالغان . زۇكام نۆۋەتتە تارقىلىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئادەمدىن ئادەمگە يۇققانلىقى ھەققىدىكى ئىسپاتلار بايقالمىغان .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە