باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋېنچۇەندىن لۇشەنگىچە، بىر مىللەتنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىك سەپىرى

2013.04.22 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «بىز ئۆزىمىز تەۋە دەۋردىلا ياشىمايمىز، ھەر كىمنىڭ زىممىسىگە تارىخ يۈكلەنگەن بولىدۇ.» ئادەتتىكىدەك داۋاملىشىۋاتقان باھار كۈنلىرىدە، يائەندە قەتئى كۈرەش قىلىپ، ئىرادىسىدىن سېپىل ھاسىل قىلغان ۋەتەنداشلار بىزگە «تارىخنى زىممىسىگە ئېلىش» ئىرادىسىنىڭ مۇستەھكەملىكىنى تونۇتتى.

  8 كۈن ئالدىدا چىڭخەي يۈشۇدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ 3 يىللىقى خاتىرىلەنگەنىدى. 20 كۈندىن كېيىن ۋېنچۇەندىكى ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ 5 يىللىقى بولىدۇ. ھەممە كۆرۈنۈش كۆز ئالدىمىزدىلا تۇرۇپتۇ، 4-ئاينىڭ 20-كۈنى سىچۇەن لۇشەندە 7 بال يەر تەۋرەپ، 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ قەلبىدە يەنە بىر ئېغىر جاراھەت قالدۇردى.

  ئوخشاشلا يەر-جاھان تەۋرەپ ھاياتلىققا خەۋپ يەتتى، ئوخشاشلا يەنە نەچچە ئون مىڭلىغان ئادەم ئوخشاش مەقسەتتە جاي-جايلاردىن قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى. ۋېنچۇەندىن لۇشەنگىچە بولغان بۇ ئارىلىقتا، ۋەتەننىڭ «ئادەم قۇتقۇزۇش بىرىنچى» دەيدىغان ئىدىيەسى ئۆزگەرگىنى يوق، مەملىكەت بويىچە سەپەرۋەرلىككە كېلىپ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىدىيەسى ئۆزگەرگىنى يوق، شۇنداقلا ھەممە بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، ھەمكارلىشىپ قوغدىنىش ئىدىيەسى ئۆزگەرگىنى يوق. ئەمما، بۇ ئىككى كۈندە كۆرۈلگەن ئۆزگىرىش ۋە ھەرىكەتلەر بىزگە بىر مىللەتنىڭ ئىزدىنىش، چېنىقىش ۋە جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى تونۇتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە