- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


سىچۈەن ئۆلكىسىدە يەر تەۋرەش ئاپىتىدە يارىلىنىپ داۋالانغان يارىدارلار 9854 ئادەمگە يەتتى
2013.04.22 15:35 مەنبە: خەلق تورى
سىچۈەن ئۆلكىلىك سەھىيە نازارىتى 21-ئاپرېل مۇنۇلارنى جاكارلىدى: 21-ئاپرېل سائەت 21دىن 30 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، پۈتۈن ئۆلكە بويىچە يەر تەۋرەش ئاپىتىدە يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا ئېلىنغان يارىدارلار 9854 ئادەمگە يەتكەن، 4363 قېتىم ئوپېراتسىيە ئېلىپ بېرىلغان، نۆۋەتتە 4230 ئادەم ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان. نۆۋەتتە ئاپەت رايونىدا 9889 نەپەر تېببىي خادىم داۋالاش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتنىشىۋاتىدۇ، قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 4000 قېتىمدىن ئارتۇق ئىشقا سېلىندى، 10 نەچچە پىسخىكا مۇتەخەسسىسى ئومۇميۈزلۈك داۋالاشقا كىرىشتى.
ئاپەت رايونىدا، سانسىزلىغان كىشىلەر كۈچنى كۈچكە ئۇلاپ مۇھاپىزەت قىلىپ، ھاياتلىق ئۈمىدىنى كۈچىنىڭ بارىچە ياندۇرماقتا.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە
${KEYWORD}