- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


دۆلەت قۇتقۇزۇش ئەترىتى بەش يولغا بۆلۈنۈپ قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى
قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى 80 نەچچە ئادەمنى قۇتقۇزۇپ چىقتى
2013.04.22 15:35 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاپرېل لۇشەندىكى يەر تەۋرەش ئاپەت رايونىدىن بەرگەن خەۋىرى: بۈگۈن چۈشتە، دۆلەت قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئاپەت رايونىغا يېتىپ كىلىپ، تېزلىكتە بەش يولغا بۆلۈنۈپ قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇردى. ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا لۇڭمېن يېزىسى، باۋشېڭ يېزىسى، تەيپىڭ بازىرى، شۇاڭشى بازىرى شۇنىڭدەك باۋشىڭ ناھىيەسىگە قاراپ ئاتلاندى. خەۋەر ئارگىنالى يوللانغان ۋاقىتتا، باۋشىڭ ناھىيەسىگە قاراپ يولغا چىققان تارماق قۇتقۇزۇش ئەترىتى ھاۋارايى سەۋەبىدىن يەرگە قونالماي قايتىپ كەلگەن، باۋشېڭ يېزىسىغا قاراپ يولغا چىققان ئەترەت يول گۆمۈرۈلۈپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ئىلگىرىليەلمەي قايتىپ كەلگەن.
نەق مەيدان قوماندانلىق بۆلۈمىنىڭ باياناتچىسى لۈ يىپېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش ئەترىتى، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5000 كىشىلىك قۇتقۇزۇش ئەترىتى 80 نەچچە ئادەمنى قۇتقۇزۇپ چىققان، 100دىن ئارتۇق ئادەمنى بىخەتەر جايغا يۆتكىگەن.(جياڭ جيەنكې، ليۇ لۇڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە