دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى: 102 ئادەمنىڭ H7N9قۇش زۇكۇمى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، 20 ئادەم ئۆلدى
2013.04.22 15:32 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 21-چېسلا مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: شۇ كۈنى سائەت 16گىچە مەملىكەت بويىچە 102 ئادەمنىڭ H7N9 قۇش زۇكۇمى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، بۇلاردىن 20 ئادەم ئۆلگەن، 12 ئادەم ساقىيىپ ئەسلىگە كەلدى، قالغان 70 ئادەم نۇقتىلىق داۋالاش ئورۇنلىرىدا داۋالىنىۋاتىدۇ.(لۈ نو، خۇ خاۋ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە