- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ھەرقايسى جايلار ئاپەت بولغان رايونغا تۇشمۇ تۇشتىن ياردەم بەردى
2013.04.22 09:29 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:
20-ئاپرېل سىچۈەن ئۆلكىسى يائەن شەھىرى لۇشەن ناھىيەسىدە 7 بال كۈچلۈك يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى ھەمدە 5 مىليون يۈەن پۇل ئىئانە قىلدى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت 21-ئاپرېل سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى ،شىنجاڭدىكى 22 مىليون ھەر مىللەت خەلقىگە ۋاكالىتەن ئاپەت بولغان رايوندىكى خەلققە 5 مىليون يۈەن ئىئانە قىلىپ، ئاپەت بولغان رايوندىكى خەلقتىن سەمىمىي ھال سورىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە
${KEYWORD}