20-ئاپرېل، يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ زىينى ئەڭ چوڭ بولغان لۇشەن ناھىيەسى لوڭمېن يېزىسى ۋۇشىڭ كەنتى 9-گۇرۇپپىسىدا،ئالاھىدە قىسىم خادىملىرى خارابىلىك ئىچىدىن كۆمۈلۈپ قالغان بىر ئانىنى قۇتقۇزۇپ چىقتى. نەق مەيداندىكى خادىملارنىڭ ئېيتىشىچە، ئانىنىڭ يۈرەك سوقۇشى بار بولۇپ، قۇچىقىدىكى بالا ئالەمدىن ئۆتكەن.