باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لۇشەندىكى يەر تەۋرەشنىڭ تۇنجى كۈنىدىكى ئەھۋال خاتىرىسى(2)

2013.04.21 10:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چېڭدۇ تۆمۈريول ئىدارىسى يولۇچى پويىزلىرىنى ئۆز جايىدا توختىتىپ، لىنىيە سىگنالى قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، لىنىيەلەرنىڭ راۋانلىقىنى ھەقىقىي ئۇققاندىن كېيىن، ئاندىن پويىزلارنى يولغا سالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. كۆرۈنەرلىك سىلكىنگەنلىكتىن، چېڭدۇ شۇاڭليۇ ئايرودۇرۇمى بىر مەھەل تاقىلىپ، ئارقىدىن يەنە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشىغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىندى، چېڭدۇ تاموژنىسى تاموژنىدىن جىددىي ئۆتكۈزۈش تەرتىپىنى يولغا قويۇپ، ئالدى بىلەن يول بەردى. ئاپەت بولغان جايلاردىكى خەۋەرلىشىشنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خەۋەرلىشىش كارخانىلىرى ئاپەت بولغان جايلاردىكى تېلېفون نومۇرلىرىغا قىسقا ئۇچۇر ۋە سۆز قالدۇرۇشنى ھەقسىز قىلىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى، جىددىي خەۋەرلىشىش ماشىنىلىرىنى ئاپەت بولغان جايلارغا يەتكۈزۈپ، سىچۈەنگە قايتا-قايتا تېلېفون قىلماي، ئۈندىدار، قىسقا ئۇچۇر بىلەن كۆپرەك ئالاقىلىشىپ، قىممەتلىك ئۇچۇر يولىنى ھاياتلىق قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىپ، يائەندىكى تېلېفونلارنىڭ توختاپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  گۈيجۇ، يۈننەن، گۇاڭشى، چۇڭچىڭ، گەنسۇ، خۇبېي، خۇنەن قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر تېزدىن قۇتقۇزۇش قوشۇنى تەشكىللەپ، ئاپەت بولغان جايلارغا قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتتى. ھازىرغىچە، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئون مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى ئاپەت بولغان جايلارغا يېتىپ باردى. سائەت 15 تە، تۇنجى تۈركۈمدىكى قۇتقۇزۇش ئەشياسى يەتكۈزۈلدى. سائەت 21 گىچە، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 50 مىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش چېدىرى، ئون مىڭ يوتقان-كۆرپە، ئون مىڭ قاتلىما كارىۋاتنى جىددىي يەتكۈزدى، 14 ئۆلكە ئاپەت بولغان جايلارغا مەبلەغ ياكى ئەشيا ياردىمى بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ۋاقىتلىق تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەملەشتى. قۇتقۇزۇش بىلەن ئاپەت ئەھۋالى مۇسابىقىگە چۈشتى.

  سائەت 22 دىن 40 مىنۇت ئۆتكىچە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى 94 ئادەمنى قۇتقۇزۇپ چىقتى، بۇنىڭ 91 ى ھايات، 2600 دىن ئارتۇق ئادەمنى تارقاقلاشتۇرۇپ يۆتكىدى. يېرىم كېچە بولغاندا، لۇشيەن ناھىيە بازىرىدا سىم-سىم يامغۇر ياغدى، توك ئۈزۈلۈپ قالغان لوڭمېن يېزىسى گۇچېڭ كەنتى قاراڭغۇلۇققا پېتىپ قالدى، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما ۋاقىتلىق پاناھلىنىش كەپىسى قۇرۇپ، كېچىنى ئۆتكۈزدى. خارابىلىكتىكى ۋاقىتلىق تىكىلگەن چېدىرلاردا قۇتقۇزۇش خىزمىتى يەنىلا جىددىي ئىشلەندى. مۇشۇ پەيتتە، سىچۈەن ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىنىڭ بىر ئەترىتىدىكى 20 ئادەم باۋشىڭ ناھىيە بازىرىغا يېتىپ بېرىپ قۇتقۇزۇشنى باشلىدى؛ يەنە بىر ئەترەتتىكى 71 ئوفىتسېر-ئەسكەر باۋشىڭ ناھىيەسى لىڭگۈەن بازىرىدا قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى باشلىدى. مۇشۇ پەيتتە، ئون مىليون تورداشنىڭ قەلبى قۇتقۇزۇش قوشۇنى بىلەن بىرلىكتە ئاپەت بولغان جايلارغا يېتىپ باردى. 60 مىليون قېتىم ھال سوراش سۆزى تارقىتىلدى، نەچچە ئون مىليون يۈەنلىك ئاممىۋى پاراۋانلىق پۇلى ئىئانە قىلىندى، ئادەم ئىزدەش ئۇچۇرلىرى يەتكۈزۈلۈپ، ھەر بىر جاننىڭ ھايات قىلىش مۆجىزىسىگە ئۈمىد باغلاندى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە