- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


كۆپلىگەن شەھەرلەر ئۆي باھاسى نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە ئېلان قىلمىدى
2013.04.01 15:38 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، بۈگۈن تيەنجىن، گۇاڭجۇ، شېنجېن، نەنجىڭ، جىنەن، داليەن، گۇيياڭ قاتارلىق شەھەرلەر يېڭى سېلىنغان تاۋار ئۆي باھاسىنى تىزگىنلەشنىڭ يىللىق نىشانىنى ئېلان قىلىپ، يېڭى سېلىنغان تاۋار ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ئۆز ئىلكىدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمنىڭ ئەمەلىي ئېشىش سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۈلۈشكۈن بېيجىڭ، شاڭخەي، چۇڭچىڭ، شيامېن، نەننىڭ، خېفېي قاتارلىق شەھەرلەرمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نىشاننى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
بۇ پەسىلىنىڭ ئاخىرقى كۈنى، گوۋۇيۈەن تەلەپ قىلغان 30 نەچچە شەھەر ئىچىدە پەقەت 10 نەچچە شەھەرلا بۇ يىللىق ئۆي باھاسىنى تىزگىنلەش نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە ئوتتۇرىغا قويدى.
جەمئىيەتتىكىلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان تۇرالغۇ ئۆي تاپاۋىتىدىن %20 شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىنامدۇ-يوق؟ دېگەن مەسىلىدە، جايلارنىڭ تۇتقان يولى بىردەك ئەمەس. تيەنجىن شەھرى ئۆي ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىش توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئۆينىڭ ئەسلىي قىممىتىنى ئېنىقلاش ئىمكانىيىتى بار ئەھۋالدا قانۇن بويىچە ئۆينى ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن قىلغان كىرىمدىن %20 بويىچە شەخسلەر تاپاۋىتىنى ئېلىشنى قاتتىق ئىجرا قىلىش، ئۆينىڭ ئەسلىي قىممىتىنى ئېنىقلاش ئىمكانىيىتى بولمىسا، قانۇن بويىچە باج ئېلىش ئۇسۇلىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىپ باج ھېسابلاش ۋە ئېلىش، ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن ئۆينىڭ ئىشلىتىلگەن ۋاقتى بەش يىلدىن يۇقىرى، ھەم شۇ ئائىلىنىڭ بىردىنبىر تۇرالغۇ ئۆيى بولسا، شەخسلەر تاپاۋەت بېجىنى كۆتۈرۈۋېتىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. جىنەن شەھرى شەخسىي ئۆي-مۈلۈكنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن قىلغان كىرىمدىن تاپاۋەت بېجى ئېلىشقا دائىر بەلگىلىمىلەرنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شىنجىن شەھرى 2-يۈرۈش ئۆيگە ئالدىن تاپشۇرۇلىدىغان پۇل سوممىسى ۋە قەرز پۇل ئۆسۈمىنىڭ نىسبىتىنى مۇۋاپىق پەيتتە تەڭشەش، ئۆي ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن %20 تاپاۋەت بېجى ئېلىشنى قاتتىق ئىجرا قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە