باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلار ئۆي بازىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش تەپسىلىي پىرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى

2013.04.01 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۆپلىگەن شەھەرلەر ئۆي باھاسىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش نىشانىنى ئۆز ۋاقتىدا ئېلان قىلمىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 25-چېسلا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ئۆي بازىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش تەپسىلىي پىرىنسىپىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، 30-، 31-مارت بېيجىڭ، شاڭخەي، چۇڭچىڭ، تيەنجىن، جىنەن، داليەن، شيامېن، خېفېي قاتارلىق شەھەرلەرمۇ ئۆي بازىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش تەپسىلىي قائىدىسىنى ئېلان قىلىپ، سېتىۋېلىشقا، قەرزگە چەك قويۇش، باج ۋە تۇرالغۇ ئۆي ئۇچۇرلىرىنى تورلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن قول سېلىپ تەڭشەش-تىزگىنلەشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتى. 2-ئاينىڭ 20-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا ئۆي-مۈلۈك بازىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەشكە دائىر بەش تۈرلۈك تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەمدە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، پىلان تىزىملىكىدە كۆرسىتىلگەن شەھەرلەر ۋە ئۆلكە-ئاپتونوم رايونلارنىڭ مەركىزىي شەھەرلىرى (لخاسا بۇنىڭ سىرتىدا)دىن ئۆي باھاسىنىڭ ئاساسىي مۇقىملىقىنى ساقلاپ قېلىش پىرىنسىپى ئاساسىدا، يېڭى سېلىنغان تاۋار ئۆي باھاسىنى تىزگىنلەشنىڭ يىللىق نىشانىنى بېكىتىش ۋە ئېلان قىلىش، ھەر بىر پەسىلدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ تۇرۇش ئۇقتۇرۇش ئارقىلىق تەلەپ قىلىنغانىدى. ئەمما 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگە قەدەر، زور كۆپ قىسىم شەھەرلەر ئۆي باھاسىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش نىشانىنى تېخىچە ئېلان قىلمىدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە