باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەنخۇيدە بىر كىشىگە H7N9 تارقىلىشچان قۇش زۇكۇمى دەپ دىياگنوز قويۇلدى

2013.04.01 15:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن ئەنخۇي ئۆلكىلىك سەھىيە نازارىتى چۇجۇ شەھىرىدە بىر كىشىنىڭ H7N9 قۇش زۇكۇمى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئۇقتۇردى، يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندىن كېيىن ئەنخۇي ئۆلكىسى ئالاقىدار لايىھەلەرگە ئاساسەن ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش خىزمىتى ئېلىپ باردى، چۇجۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت تېببىي خادىملارنى تەربىيەلەپ ۋە ئالدىن تەكشۈرۈپ، ئايرىم دىياگنوز قويۇش خىزمىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنى تېببىي جەھەتتىن كۆزەتتى، ئالاقىدار يۇقۇم نۇقتىلىرىنى ئاخىرىغىچە دېزىنفېكسىيە قىلدى شۇنداقلا زۆرۈر دورا، ئۈسكۈنىلەرنى زاپاس ساقلاپ، كېسەلنى قۇتقۇزۇشقا ياخشى تەييارلىق قىلىپ قويدى، ئەنخۇي ئۆلكىلىك سەھىيە نازارىتى جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلاردىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن سەۋەبسىز ئۆپكە ياللۇغى ۋە يۇقۇملۇق زۇكام بىمارلىرىنى نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، ھازىرغىچە شۇ جايدا بىمارلار بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقانلاردا كىلىنىكىلىق بىنورماللىق بايقالمىدى، بىمارلار نۆۋەتتە جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرىگە قۇتقۇزۇشقا يۆتكەلدى، كېسىلى ئېغىرلىرى جىددىي قۇتقۇزۇلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە