باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى: دۆلەت سىياسەت ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ

2013.03.13 14:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىككى يىغىن باشلىنىش ئالدىدا، گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان بەش تۈرلۈك تەپسىلىي بەلگىلىمىدە، شەخسلەر ئۆي ساتسا تاپاۋەت بېجىنىڭ پەرق سوممىسى %20 بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بازارنى قىزىتىۋەتتى. بەزىلەر %20 تاپاۋەت بېجىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئۆي سېتىۋالغۇچىنىڭ ئۈسىتىگە يۈكلىنىپ قېلىپ، ئۆي باھاسىنىڭ ۋاسىتىلىك ئۆرلەپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلدى. تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چى جى، سىياسەت ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتى قوغدىلىدۇ، دېدى.

  چى جى: باج ئالدى بىلەن تاپاۋەت قىلغۇچىغا يۈكلىنىدۇ، بۇ خۇددى مائاشتىن تاپاۋەت بېجى ئېلىنغانغا ئوخشايدۇ، تىجارەت خاراكتېرلىك كىرىمگە كىم ئېرىشكەن بولسا، باجنى شۇ تاپشۇرىدۇ. تاپاۋەت قىلغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ ئالدى بىلەن ئىنتىزامغا ۋە تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ناۋادا مۇشۇنداق ھادىسىلەر ھەقىقەتەن كۆرۈلگەن بولسا، بىز كەلگۈسىدە يەنە سېتىۋالغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە