باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائاشلىق دەم ئېلىش تۈزۈمى «تاشلاپ قويۇلدى»، مۇتەخەسىسلەر قەغەزدىكى ھوقۇققا ئايلنىپ قالمىسۇن، دېدى

2013.03.13 14:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىي ۋەكىلى، خۈيجوۋ شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ شىخۇا ئۆزىنىڭ خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا 20 يىل بولغانلىقىنى، قائىدە بويىچە ھەر يىلى 15 كۈن مائاشلىق دەم ئالسا بولىدىغانلىقىنى، لېكىن بۇ بىر نەچچە يىلدا ئۆزىنىڭ بىر قېتىممۇ بەھرىمەن بولۇپ باقمىغانلىقىنى ئېيتتى. خۇاڭ شىخۇا ئېلىپ بارغان مائاشلىق دەم ئېلىشقا ئالاقىدار بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش مەلۇم بولۇشىچە، زىيارەت قىلىنغانلارنىڭ %60ى «ۋاقتىم يوق»، «پېتىنالمايمەن» دېگەن. خىزمەت قىلىۋاتقىلى ئون نەچچە يىل بولسىمۇ مائاشلىق دەم ئېلىپ باقمىغانلارنىڭ سانى ئاز ئەمەسكەن.

  2007-يىل ئاخىرىدا، گوۋۇيۈەن «ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشلىق دەم ئېلىش نىزامى»نى ماقۇللاپ، مائاشلىق دەم ئېلىشنى قانۇنلۇق قوغدىغان. ھالبۇكى، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن قارىغاندا، 2011-يىلى پەقەت % 47.8 ئادەم بەلگىلىمە بويىچە مائاشلىق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولغان. بۇ يىل نىزام يول قويۇلغىنىغا ئالتە يىل بولىدۇ، ئەمما يەنىلا % 60 ئەمگەكچىنىڭ دەم ئېلىش ھوقۇقى ئىشقا ئاشۇرالمىغان.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}