باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىي مۇئاۋىن باشلىقى گاۋ شياۋپىڭ گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە فۇنكسىيە ئۆزگەرتىش لايىھەسىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى

2013.03.13 14:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10-مارت، «گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە فۇنكسىيە ئۆزگەرتىش لايىھەسى» رەسمىي ئېلان قىلىندى. جۇڭگو مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىي مۇئاۋىن باشلىقى گاۋ شياۋپىڭ خەلق گېزىتى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئىسلاھات لايىھەسىدە فۇنكىسىيە ئۆزگەرتىش ئىلگىرىكى ھەرقانداق بىر قېتىملىق مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكىدىنمۇ بەكرەك گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىسلاھات لايىھەسىدە گوۋۇيۈەننىڭ چوڭ تارماق تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە مۇستەھكەم، سالماق ھەم يېڭى بىر قەدەم تاشلاندى، بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتنىڭ يارقىن نۇقتىلىرىدىن بىرى ئەنە شۇ.

  بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتنىڭ ئالدىنقى قېتىمقىسى بىلەن ئوخشاشلىقى ھەم پەرقى بار، چوڭ قاتناش، چوڭ جەمئىيەت، چوڭ سەھىيە ئەندىزىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى.

  گاۋ شياۋپىڭ مۇنداق دېدى، بۇ قېتىمقى ئىسلاھات لايىھەسىنىڭ 6-قېتىملىق گوۋۇيۈەن ئاپپارات ئىسلاھاتى بىلەن مۇنداق ئىككى ئورتاقلىقى بار.

  بىرىنچىسى، ئىلگىرىلەش قەدىمى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشايدۇ، «تەڭكەش سۈرئەتتە ھەرىكەتلىنىش» ساقلاپ قېلىندى. بۇ ئىككى قېتىملىق ئىسلاھاتتا، گوۋۇيۈەننىڭ مىنىستىر دەرىجىلىك ئاپپاراتىدىن تۆتى قىسقارتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە تەشكىل قىلغۇچى تارماق (چەت ئەلنىڭ ئىچكى كابىنىت ئاپپاراتىغا ئوخشاپ كېتىدۇ)تىن ئىككىىسى قىسقارتىلدى. ئالدىنقى قېتىملىق ئىسلاھاتتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، گوۋۇيۈەن تەسىس قىلغان تەشكىلىي تارماق 27 ئىدى، بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتتىن كېيىن تەشكىلىي تارماق سانى 25 بولدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە