باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇيجۇلۇق ۋەكىللەر تەرەققىي قىلمىغان جايلارنى ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ھەققىدە توختالدى

2013.03.13 13:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ئاخبارات مەركىزى 12-مارت چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئوندا مېدىيا مەركىزىدە مۇخبىرلار يىغىنى ئاچتى، گۈيجۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاۋ كېجى، ئۆلكە باشلىقى چېن مىنېر قاتارلىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۆت ۋەكىلى تەرەققىي تاپمىغان جايلارنى قانداق قىلىپ تەڭ قەدەمدە ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  جاۋ كېجى مۇنداق دېدى: 2011-يىلى مەركەزنىڭ 2300 يۈەنلىك نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمى بويىچە قارىغاندا، پۈتۈن ئۆلكىدىكى نامرات نوپۇس 11 مىليون 490 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى نامرات نوپۇسنىڭ %11.6 نى ئىگىلىگەن ئىدى. نۆۋەتتە، گۈيجۇ ئۆلكىسىنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش دەرىجىسى پۈتۈن مەملىكەت سەۋىيەسىدىن سەككىز يىل، غەربىي رايون سەۋىيەسىدىن تۆت يىل كېيىن تۇرماقتا. گۈيجۇ ئۆلكىسى ئالتە تۈردىكى 25 كۆرسەتكۈچلۈك ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەنى تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى ئورناتتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ يادرولۇق كۆرسەتكۈچ مۇنداق: ناھىيەنى بىرلىك قىلغان كىشى بېشى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى بەش مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن، شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنى ئۈچ مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن، دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمىنى مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشۇرۇش؛ يەنە %90 لىك ئىككى نىشان، يەنى 2020-يىلىغىچە %90 تىن ئارتۇق ناھىيەدە ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ تەڭ قەدەمدە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش دەرىجىسىنى %90 تىن ئاشۇرۇش.

  ئۆلكە باشلىقى چېن مىنېر مۇنداق دېدى: گۈيجۇ ئۆلكىسىنىڭ تەرەققىيات تىپىنى ئۆزگەرتىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، مۇنداق ئۈچ جەھەتتىن تېرىشىشىغا توغرا كېلىدۇ: 1-ئالاھىدە كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈش. گۈيجۇنىڭ مول ئېنېرگىيە، كان ۋە ساياھەت بايلىقىنى قېزىپ، نامرات جايلارنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش. 2-توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش. 3-يېشىل تەرەققىي قىلدۇرۇش. چېن مىنئېر يەنە مۇنداق دېدى: گۈيجۇ ئۆلكىسى تاغلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىپ، 17 ئاز سانلىق مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى ياخشى قوغداپ، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراشتىن ساقلىنىشى شۇنداقلا كىچىك شەھەر-بازارلار، ناھىيە بازارلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}