باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۇا چۈنيىڭ: ياپونىيەنىڭ قەستەن «جۇڭگو تەھدىتى»نى كۆپتۈرۈشى رايون ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈردى

2013.03.03 09:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ياپونىيەنىڭ قەستەن «جۇڭگو تەھدىتى»نى كۆپتۈرۈشى رايون ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈردى، خەلقئارا جامائەت پىكىرىنى خاتا يېتەكلىدى، بۇنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا پايدىسى يوق، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكتە بىر-بىرىگە بولغان ئىشىنىشىگە يەنىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ.

  28-فېۋرال ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابى شىنزۇ پارلامېنتتا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نۇتقى سۆزلەپ، جۇڭگونىڭ ئەمەلىي كۈچى ئارقىلىق ھازىرقى ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشى يولسىزلىق، دېدى. ياپونىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى دىپلوماتىيە سىياسىتى نۇتقى سۆزلىگەندە: جۇڭگونىڭ ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىشتە ئاشكارىلىقنىڭ كەمچىل بولۇشى شۇنداقلا دېڭىزدا پات پات ھەرىكەت قىلىشى رايون دىققەت قىلىدىغان ئىشلارغا ئايلاندى، دېدى.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: دىيايۇ ئارىلى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئاراللار ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ مۇقەددەس زېمىنى،جۇڭگو بۇنىڭغا مۇنازىرە قىلمايدىغان ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە. ياپونىيەنىڭ دىيايۇ ئارىلىغا قوللانغان بارلىق تەدبىرى جۇڭگو زېمىنىنى قانۇنسىز ئىگىلەش ئاساسىغا قۇرۇلغان، ياپونىيەنىڭ ئاتالمىش «ھازىرقى ھالىتى» باشلىنىشتىلا قانۇنسىز ۋە ئۈنۈمسىز. ياپونىيە خام خىيالنى چۆرۈپ تاشلاپ، تارىخ ۋە رېئاللىققا توغرا قاراپ، مۇۋاپىق باشقۇرۇپ كونترول قىلىش ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ھەقىقىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە