باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى يىغىن مەزگىلىدە جەمئىيەت قاتنىشىنىڭ نورمال يۈرۈشىگە ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ

2013.03.03 09:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، ئىككى يىغىننىڭ ئامانلىقىنى ساقلاش تارماقلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى قاتناش باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشىلاپ، جەمئىيەت قاتنىشىنىڭ نورمال يۈرۈشىگە ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا 30غا يېقىن تۇرۇشلۇق جاي بار بولۇپ، بېيجىڭنىڭ نۇرغۇن شەھەر رايونلىرىغا تارقالغان، ئىككى يىغىننىڭ قاتنىشىنى تەشكىللەشتە قېيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى، جەمئىيەت قاتنىشى بىلەن بولغان زىددىيەت بىر قەدەر گەۋدىلىككەن. شۇڭلاشقا، بۇ يىلقى ئىككى يىغىندا قاتناش تەشكىللەشتە يىغىن قاتناش لىنىيەسى ئەڭ زور چەكتە بېرىكتۈرۈلۈپ، ئاۋات رايونلاردىن ئامال بار ئايرىلىدۇ.

  قاتناش ئۇچۇرى ئاگاھلاندۇرۇشى يىتەكچىلىكىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئىككى يىغىننىڭ ھەر قېتىمقى ئومۇمىي يىغىن باشلىنىشتىن ئىككى سائەت ۋە يىغىن ئاياقلىشىشتىن ئىلگىرىكى بىر سائەتتە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى قاتناش رادىيوسى ۋە سىرتتىكى ئىكران ئارقىلىق تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىدۇ، قوللىنىدىغان زۆرۈر باشقۇرۇش كونترول قىلىش تەدبىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ ھەمدە ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئايلىنىپ مېڭىش تەكلىپىنى بېرىپ، ئاممىنىڭ يولغا چىقىشىغا قولايلىق يارىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە