باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىغا قاتنىشىدىغان بارلىق ۋەكىللەر يېتىپ كەلدى

2013.03.03 09:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىغا قاتنىشىدىغان بېيجىڭنىڭ سىرتىدىكى 32 ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ھەممىسى 2-مارت بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى. 2-مارت سائەت يەتتىدىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكى ئولتۇرغان پويىز بېيجىڭ غەربىي ۋوگزالىغا يېتىپ كېلىپ، شۇ كۈنى تۇنجى بولۇپ بېيجىڭغا كەلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى بولۇپ قالدى. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى گىرىلتۇ مۇنداق دېدى: بىز ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد يايلاقتا ياشىغان، مەن يايلاق ئېكولوگىيەسىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك قوغداش مېخانىزمىنىڭ مەڭگۈ مۇقىم بولۇپ، يايلاق ئېكولوگىيەسىنىڭ ياخشىلىنىشى، بىز چارۋىچىلار كىرىمىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جىلىن، ئەنخۇي، خۇنەن، چىڭخەي، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق 32 ۋەكىللەر ئۆمىكى پايتەخت ئايرودۇرۇمى، بېيجىڭ غەربىي ۋوگزالى قاتارلىق ئاساسلىق قاتناش تۈگۈنلىرىگە ئارقا-ئارقىدىن يېتىپ كەلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىزاڭ ئالى ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى پىڭسو مۇنداق دېدى: مەن تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىكىگە سايلىنىپ، پايتەخت بېيجىڭغا كەلدىم، قەلبىم ناھايىتى ھاياجانغا تولدى شۇنداقلا بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ شىزاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ، ياخشى پۇرسەت ۋە سىياسەتلەرنىڭ ئېلىپ كېلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. ئالدىنقى ئايدا چىقىرىلغان مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە، «ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى» ئۇقۇمى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئەنخۇي ۋەكىللەرنىڭ ئۆمىكى كۆڭۈل بۆلگەن نۇقتىغا ئايلاندى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى خۇ دامىڭ مۇنداق دېدى: مەن يېزا ئىگىلىكىگە ئېتىبار بېرىش، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، مۇنداقچە ئېيتقاندا، دېھقانلار كوپىراتىپى قۇرۇش، كەڭ كۆلەملىك يەر ئوبوروتىنى يولغا قويۇش، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى قاتارلىق بۇ جەھەتتىكى ئېتىبار سىياسەتلىرىگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىمەن. بىزنىڭ دېھقانلارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە، دېھقانلارنىڭ بېيىشى، ئۇلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا ياردەم بېرىشتە تېخىمۇ زور مەسئۇلىيىتىمىز بار. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاشتا، تۇنجى قېتىم شەھەر-يېزا ئوخشاش نوپۇس نىسبىتى بويىچە سايلاش ئۇسۇلى، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئوخشاش ئاۋاز، ئوخشاش ھوقۇق بىلەن سايلاش ئۇسۇلى قوللىنىلدى. بېيجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەي، چۇڭچىڭدىن ئىبارەت مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق تۆت شەھەر ھەم بىر قىسىم شەھەرلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى دېڭىز بويىدىكى ئۆلكىلەرنىڭ ۋەكىللىرى بەلگىلىك دەرىجىدە ئازايدى، گۈيجۇ، گەنسۇ، خېنەن قاتارلىق يېزا ئىگىلىك نوپۇسى كۆپ ئۆلكىلەرنىڭ ۋەكىللىرى كۆپەيدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}