باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>2013. ئىككى يىغىن>> سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ تەييارلىق يىغىنى خەلق سارىيىدا ئېچىلدى

2013.03.03 09:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ تەييارلىق يىغىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى.

  يىغىنغا 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈش يىغىنىغا 2237 ئەزا قاتنىشىشى كېرەك ئىدى، 2093 ئەزا قاتناشتى، بۇ قانۇنغا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن.

  يىغىندا قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بېرىش شەكلى ئارقىلىق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك 1-يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى، ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى ۋە باش كاتىپىنىڭ ئىسىملىكى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك 1- يىغىنىنىڭ قارالمىسى ۋە كۈن تەرتىپى شۇنداقلا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك 1-يىغىنى تەكلىپ كومىتېتىنىڭ ئىسىملىكى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك 1-يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈش يىغىنىدا ئۈچ قارالما ئاياغلاشقاندىن كېيىن، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ ئالقىش سادالىرى ئىچىدە جەنۇپ تەرەپتىكى پەلەمپەيدىن رەئىس سەھنىسىگە چىقىپ، پەستە ئولتۇرغان 2000 دىن ئارتۇق 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسىغا ئېھتىرام بىلدۈردى، ئارقىدىن تەرتىپ بويىچە رەئىس سەھنىسىنىڭ جەنۇپ تەرىپىدە ئولتۇرغان 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى بىلەن بىرمۇ بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، رەئىس سەھنىسىنىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جا چىڭلىن بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئارقىدىن رەئىس سەھنىسىنىڭ شىمال تەرىپىدە ئولتۇرغان 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى بىلەن بىرمۇ بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. كۆرۈشۈش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، يۈ جېڭشېڭ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئوتتۇرغا قايتىپ كېلىپ، جيا چىڭلىن بىلەن قىزغىن كۆرۈشتى. جيا چىڭلىن تەييارلىق يىغىنى ئاياغلاشقاندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك 1-يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان پەيىتتە، مەن 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىغا ۋاكالىتەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە ھەيئەت رىياسىتى ئەزالىرىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن. مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك 1-يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى تىلەيمەن. يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كىيىنكىلەرگە يول ئېچىش، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىيۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىنى تىزدىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن يېڭى، زور تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر