باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تېز يەتكۈزۈش ئاپتوموبىللىرىنىڭ شەھەرلەردە يۈرۈشى، توختىشى ئاسانلاشتۇرىلىدۇ

2013.03.01 16:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسى قاتارلىق 7 مىنىستىرلىق ۋە ئىدارە يېقىندا «شەھەرلەردە يوللانما ئەۋەتىشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا دائىر پىكىر»نى بىرلىشىپ تارقاتقان.

  پىكىردە مۇنۇلار تەلەپ قىلىنغان: 5 يىل ئەتراپىدا فۇنكسىيسى ئېنىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، باشقۇرۇلۇشى قاتتىق بولغان شەھەرلەردە يوللانما ئەۋەتىشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە ئايلىنىش مېخانىزمىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىپ، شەھەرلەردە يوللانما ئەۋەتىشنى باشقۇرۇش قانۇن بەلگىلىمىلىرى، تۈزۈم ئۆلچىمى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، شەھەرلەردە يوللانما ئەۋەتىشنى پىلانلاش، يىتەكچىلىك قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شەھەرلەردە يوللانما ئەۋەتىش ئاساسىي مۇئەسسەسەسىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، شەھەرلەردە يوللانما ئەۋەتىش بازارلىرىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، شەھەرلەردە يوللانما ئەۋەتىش ئاپتوموبىللىرى تىپلىرىدىن كەڭ كۆلەمدە پايدىلىنىش، شەھەرلەردە يوللانما ئەۋەتىش ئاپتوموبىللىرىنىڭ يۈرۈشىنى تېخىمۇ تەرتىپلىك ۋە راۋان قىلىپ، شەھەرلەردە يوللانما ئەۋەتىش تىرانسپورت تىجارىتىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، شەھەرلەردە يوللانما ئەۋەتىش مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش لازىم.

  پىكىردە مۇنۇلار ئېنىق كۆرسىتىلدى: پوچتا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى ماتورسىز قاتناش ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ تېز يوللانما قوبۇل قىلىش ۋە ئەۋەتىش كەسپىنىڭ ئالاقىدار كەسىپ ئۆلچىمىنى تەتقىق قىلىپ بېكىتىپ، شەھەر قاناش تىرانسپورتى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ماتورسىز قاتناش ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ تېز يوللانما قوبۇل قىلىش ۋە ئەۋەتىش كەسپىنىڭ ئالاقىدار باشقۇرۇش چارىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقىرىشى كېرەك. شەھەرلەردە يوللانما ئەۋەتىش كارخانىلىرى بىلەن تېز يەتكۈزۈش كارخانىسىنىڭ سۈپەت ئىناۋىتىنى باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى بىلەن بازاردىن چېكىندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. تېز يوللانما كارخانىلىرىنى ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان تېز يوللانما ئەۋەتىش سىستېمىسى قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئامباردا ساقلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قاتارلىق يېڭىچە يەتكۈزۈش قېلىپى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ يەتكۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە