باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر ئەر مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن 6 مىليون يۈەن قويۇلۇپ كەتكەن

سوت مەھكىمىسى: پۇل قايتۇرۇلمىسىمۇ بولىدۇ

2013.02.28 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 28-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. بېيجىڭدا نېفىت-خىمىيە سانائىتى سودىسى قىلىدىغان زو يەنيەن ئۆزىنى مەركەزدىكى مەلۇم بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ ساۋاقدىشىمەن، پۇل خەجلىگەنلەرنى نازىر دەرىجىلىكتىن مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىككە، مۇئاۋىن ئىدارە دەرىجىلىكتىن ئىدارە دەرىجىلىككە چىقىرالايمەن دەۋىلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋاڭ x xنىڭ 6 مىليون پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.

  تۈنۈگۈن مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن جاۋابكار زو يەنيەننى 15 يىللىق مۇدەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ھەمدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئالداپ ئېلىۋېلىنغان مال-مۈلكى قايتۇرۇلمايدۇ، دەپ قارىغان. تەكشۈرۈپ پىچەتلەنگەن دېلوغا چېتىشلىق مۈلۈك سېتىلغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىندىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە