باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جېجياڭنىڭ ۋېن لىندا 23-فېۋرال يۈز بەرگەن ئوت كېتىش ۋەقەسى ئېنىقلاندى

2013.02.25 14:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:جېجياڭنىڭ ۋېن لىندا تۆنۈگۈن ئېچىلغان «23-فېۋرال» ئوت ئاپىتى ئاخباراتىدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا مۇنداق دېيىلدى: بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتى ئادەم سەۋەبىدىن بولغان، جىنايەت گۇماندارى لىن بىڭۋېي تور دۇكىنىنىڭ پايچىكى ليۇ فامىلىلىك بىلەن زىددىيەتلىشىپ قېلىپ، 23-فېۋرال سەھەردە تور دۇكىنى ئاھالىلەر تۇرالغۇسىنىڭ كەينىدىكى ماللارغا ئوت قويۇۋەتكەن، ئاقىۋەتتە سەككىز كىشىنىڭ قازا قىلىشى، 17 كىشىنىڭ يارىلىنىشىدەك پاجئەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

  26 ياشلىق لىن بىڭۋېي ۋېنلىن شەھىرىنىڭ زېگو بازىرىدىن، ھازىر ۋېن لىن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتۇلدى.

  23- فېۋرال سەھەر سائەت 2 دىن 59 مىنۇت ئۆتكەندە ۋېن لىن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ۋېن لىن شەھىرى زېگو بازىرى مۇشى كەنتىنىڭ جۇڭشىڭ غەربىي يولى 106-نومۇرلۇق ئالتە قەۋەتلىك ئاھالىلەر تۇرالغۇسىغا ئوت كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى مەلۇماتنى تاپشۇرۇپ ئالدى.ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى بىر سائەت قۇتقۇزۇش ئارقىلىق سەھەر سائەت 4 دە ئوتنى ئۆچۈردى. ۋەقەدە سەككىز كىشى قازا قىلدى، 17 كىشى ئىسلىنىپ يارىلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە