باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى لۇفېڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ بىر ئەزاسى ساختا كىملىك ئىشلىتىپ سودا بىلەن شۇغۇللانغان

ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارمىقى تەكشۈرۈپ راستلىقىنى ئىسپاتلىدى

2013.02.06 15:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرەت: سودىگەر خۇاڭ كۈنيى كىمئارتۇق سودىسىدا 3 مىليون 400 مىڭ يۈەن خەجلەپ بىر ئۆي سېتىۋالغان، ئەمما ئۇنىڭغا ئۆي مۈلۈك گۇۋاھنامىسىنىڭ ساختىلىقى ئۇقتۇرۇلغان. ئويلىمىغان يەردىن بۇ ئۆي ئىگىسىنىڭ ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، كارخانا قانۇنىي ئىگىسىنىڭ ۋەكىلى دېگەن ئىككى سالاھىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-فېۋرال گۇاڭجوۋدىن بەرگەن خەۋىرى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى لۇفېڭ شەھىرىنىڭ بىر پۇقراسى ھەقىقىي نامىدا مەزكۇر شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى جاۋ خەيبىننىڭ ئوچۇقتىن ئوچۇق ساختا كىملىك ئىشلىتىپ، سودا بىلەن شۇغۇللىنىپ كارخانا قۇرغانلىقى، ئۆي-مۈلۈك سودىسىغا مەبلەغ سالغانلىقى، ھەتتا سوت مەھكىمىسىگە ساختا ئۆي-مۈلۈك گۇۋاھنامىسى تاپشۇرغانلىقىنى پاش قىلغان.

  4-چېسلا كەچقۇرۇن لۇفېڭ شەھەرلىك ج خ ئورگىنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارمىقى مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋ خەيبىننىڭ ئىككى كىملىك ئىشلەتكەنلىك ئەھۋالى راست بولۇپ چىققان ھەمدە ئۇ ئىشلىتىۋاتقان «جاۋ يۇڭ» نامىدىكى كىملىكنىڭ جۇخەي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى تەرىپىدىن بىكار قىلىنغان. لېكىن ئۇنىڭ قانۇنغا خىلاپ باشقا قىلمىشلىرى، شۇنىڭدەك تور ئەھلى پاش قىلغان جاۋ خەيبىن ۋە ئۇنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ قولىدا 170 يۈرۈش ئۆي-مۈلۈك بارلىقى ھازىرچە تەكشۈرۈپ ئىسپاتلانمىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە