باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي بانكا بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

2013.01.14 16:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2013-يىلى جۇڭگو خەلق بانكىسى خىزمەت يىغىنى يېقىندا بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى،دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، ئۆتكەن يىلى خەلق بانكىسى مۇقىملىق ئىچىدە تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىشتەك خىزمەت باش تەلىپىگە ئاساسەن، مۇقىم ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پۈتۈن يىللىق تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇ يىل پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى ئىسلاھات داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ، يىغىندا بۇ يىللىق خەلق بانكىسىنىڭ ئاساسلىق خىزمەتلىرى مۇنداق 8 جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇلدى:

  1. مۇقىم ساغلام بولغان پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، تەڭشەپ كونترول قىلىشنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، قاراتمىلىقى ۋە جانلىقلىقىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش.

  2. پۇل مۇئامىلىنىڭ نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئەمەلىي ئىقتىسادىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش.

  3. خەلق پۇلىنىڭ چېگرا ھالقىپ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش.

  4. بازار يۈزلىنىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ قېلىپلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش.

  5. پۇل مۇئامىلە خېيىم-خەتىرىنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سىستېمىلىق، رايون خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خېيىم-خەتىرى كېلىپ چىقىشنىڭ تۆۋەن چېكىنى چىڭ تۇتۇش.

  6. تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان كاپىتال خېيىم-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

  7. پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش.

  8. يەر شارى پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇش ۋە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە قائىدىسىنى تۈزۈشكە پائال قاتنىشىش. شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونى بىلەن بولغان پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈش.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە