- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئا تىپلىقH1N1ۋىرۇسى بۇ قېتىملىق تارقىلىشچان زۇكامنىڭ باش سەۋەبكارى
2013.01.14 14:01 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، مۇخبىر بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەللىكنى كونترول قىلىش مەركىزىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى: ئۆتكەن يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇ يىل 1-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە بولغان بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە، بېيجىڭدا تارقىلىشچان زۇكام تۈپەيلى 3 كىشى ئۆلگەن، بۇنىڭ ئىككىسى ئا تىپلىقH1N1 ۋىرۇسىدىن بولغان تارقىلىشچان زۇكام، بىرسى تارقىلىشچان زۇكام. نۆۋەتتە بېيجىڭدا تارقىلىشچان زۇكام تىپىدىكى كېسەللىكنىڭ قوزغىلىشى يوقىرى باسقۇچقا كىرگەن، ئا تىپلىقH1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى تەدرىجىي بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبكارىغا ئايلانغان. بۇ ۋىرۇسنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى ھەرىكەت ھالىتى كەلگۈسى بىر مەزگىلگىچە داۋاملىشىدىكەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە