باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جېڭجوۋ جەي جېنفېڭ دېلوسىنىڭ باسقۇچلۇق تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى

2013.01.14 14:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جېڭجوۋنىڭ جەي جېنفېڭ دېلوسىغا دائىر تەكشۈرۈشىدە يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى: 1-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچتە، جېڭجوۋ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى خېنەن ئۆلكىلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قارارى بويىچە جەي جېنفېڭنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.

  مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى جەي جېنفېڭ ئائىلىسىنىڭ نەچچە يەردە ئۆي مۈلۈكى بارلىقى، «ئۆي قىزى» نامىدا 11 يۈرۈش ئەرزان-قولاي ئۆيى بارلىقى مەسىلىسىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، جەي جېنفېڭ ئائىلىسىنىڭ (سەككىز سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى) نامىدا 31 يەردە ئۆي مۈلۈكى بارلىقى (يۇرتى شىنمىدىكى ئۆي مۈلۈك گۇۋاھنامىسى يوق ئىككى يۈرۈش ئۆينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، 7 يۈرۈش ئۆينىڭ سېتىلغانلىقى، ھازىر 24 يۈرۈشىنىڭ نەق بارلىقى، ھېچقايسىنىڭ ئەرزان-قولاي ئۆي ئەمەسلىكىنى ئېنىقلىغان.

  تەكشۈرۈشتە يەنە جەي جېنفېڭنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلىپ ئىككى پەرزەنت كۆرگەنلىك مەسىلىسى بارلىقىمۇ ئېنىقلانغان. 1990-يىل 4-ئايدا، جەي جېنفېڭ، لى شۇپىڭ ئەر-ئايال ئالاقىدار خادىملارنىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە ساختىپەزلىك قىلىپ، جەي جېنفېڭ تۇنجى ئايالى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن لى شۇپىڭ بىلەن توي قىلغان دېگەن باھانە بىلەن ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش ئىلتىماسىنى سۇنغان، ئىلتىماس ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكەن، شۇنداق قىلىپ بۇلار ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش كۆرسەتكۈچىنى ئالدامچىلىق يولى بىلەن قولغا كەلتۈرگەن. 1991-يىل 5-ئايدا، جەي جېنفېڭ، لى شۇپىڭ ئەر-ئايال بىر قىز پەرزەنت تۇغقان. ھازىر ئالاقىدار خادىملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتى داۋام قىلماقتا.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە