12-يانۋار چۈش سائەت 12 ئەتراپىدا، بېيجىڭنىڭ شەرقىي 3-ئايلانما مەركىزىي سودا رايونىدىكى ئىمارەتلەر قويۇق تۇمان ئىچىدە قالدى. 10-يانۋار كەچقۇرۇندىن باشلاپ بېيجىڭ ئاسمىنىنى قاپلىۋالغان بۇ قويۇق تۇمان ھېلىھەم داۋام قىلماقتا. 12-يانۋار بېيجىڭنىڭ PM2.5 كۆرسەتكۈچى يۇقىرى چەكتىن ئۇدا ئېشىپ، ھاۋا سۈپىتى ئىزچىل 6-دەرىجىلىك ئېغىر بۇلغىنىش ھالىتىدە تۇرغان. بېيجىڭ مۇھىت ئۆلچەش مەركىزى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلغىنىش ئەھۋالىدىن بېرىلگەن ئالدىن مەلۇماتنى ئانالىز قىلىش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، بېيجىڭ شەھرىگە تەسىر كۆرسەتكەن بۇ قېتىملىق ئېغىر بۇلغىنىش ئەھۋالى كېلەر ھەپتىنىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن كۆرۈنەرلىك ياخشىلانمايدىكەن. 12-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا بېيجىڭنىڭ ھاۋا سۈپىتىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈشتىن ئېلىنغان سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، بېيجىڭنىڭ ھەممە رايونلىرى دېگۈدەك پۈتۈنلەي قويۇق تۇمان ئىچىدە قالغان، pm2.5 كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 456گە يەتكەن. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لو شياۋگۇاڭ فوتوسى.)