باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدىكى ناھىيە دەرىجىلىك نوپۇس پىلانلىق تۇغۇت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۈسكۈنىلىرى كونىرىدى ۋە يېتىشمەيدۇ

2013.01.14 09:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 12- يانۋار دۆلەتلىك نوپۇس پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىر ئېلىمىزنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك نوپۇس پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۈسكۈنىلىرى كونىرىغان ۋە يېتىشمەيدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەتنىڭ تۇغۇتتىن بۇرۇن سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىگە ئېھتىياجلىق ئۈسكۈنىلەر %50 دىن كۆپرەك كەمچىل ئىكەن. بۇ مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرۇش ۋە سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى چەكلىگەن.

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەتلىك نوپۇس پىلانلۇق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان « 12- بەش يىللىق نوپۇس پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇش پىلانى» دا كۆرسىتىلىشىچە، 9- بەش يىل ۋە 10- بەش يىلدا ئېلىمىز پىلانلىق تۇغۇت كۆچمە مۇلازىمىتىگە سەپلىگەن ماشىنىلار 12- بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە بىراك قىلىنىش يىل چېكى ۋە مۇساپىسىگە يېتىپ، كۆچمە مۇلازىمەتنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇشقا تەسىر يەتكۈزگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ھازىر مەملىكىتىمىزنىڭ يېزا ئاساسىي قاتلاملىرىمدىكى قىسمەن ناھىيە دەرىجىلىك نوپۇس پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت پونكىتلىرى «يېزا پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت ئاپپاراتى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۆلچىمى»دىكى تەلەپكە يەتمىگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى %85 دىن كۆپرەكى ئوتتۇرا ۋە غەربىي رايونلاردا ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە