باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆمۈر يول جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى بېلەت ھايانكەشلىرىگە زەربە بېرىش كۈرىشىنى باشلىدى

2013.01.14 09:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ تۆمۈر يول مىنىستىرلىقى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، 6-يانۋاردىن 6-مارتقىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۆمۈر يول جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى «بۈركۈت-2013 كۈرىشى» نامىلىق 60 كۈنلۈك بېلەت ھايانكەشلىكىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرغان.

  ھەر دەرىجىلىك تۆمۈر يول ساقچى دائىرىلىرى «قەيەردە بېلەت ھايانكەشلىرى بولسا، شۇ يەرگە بېرىش»تەك خىزمەت تەپەككۇر يولى بويىچە، ئالدىنى ئېلىش بىلەن زەربە بېرىشكە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، تۆمۈر يول ئىچى-سىرتىدا بىرلىشىش، تور ئىچى-سىرتىدا بىرلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىتتا قولغا چۈشۈرگەن بېلەت ھايانكەشلىرىنى «قارا تىزىملىك»كە كىرگۈزۈش، تېلېفون ئارقىلىق بېلەت سېتىۋېلىپ، يۇقىرى باھادا ساتقان تېلېفون نۇمۇرلىرىنى «قارا نومۇر تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۇنىۋېرسال زەربە بېرىش ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى.

  ئىشتىن كېيىن زەربە بېرىشنى ئىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىشقا يۆتكەش ئۈچۈن تۆمۈر يول مىنىستىرلىقى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پۈتۈن يوللاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنى مەنبەسىدىن كونترول قىلىش كۈچىنى يەنىمۇ زورايتىپ، بېلەت ھايانكەشلىرى بىرلىشىپ بېلەت ھايانكەشلىكى قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بېلەت ھايانكەشلىرىنىڭ بېلەتكە ئىگە بولۇش يوللىرىنى قەتئىي توستى.

  تۆمۈر يول ساقچى دائىرىلىرى كەڭ يولۇچىلارنى ئەمەلىي ئىسىم بىلەن بېلەت سېتىۋالغاندا ئادەم ئىسپاتى بىلەن بېلەتنىڭ بىردەك بولۇشىغا دىققەت قىلىش، باشقىلارنىڭ قولىدىن بېلەت سېتىۋالماسلىق، بېلەت ھايانكەشلىرىنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتمەسلىك، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بايقىغان ھامان ۋاقتىدا پاش قىلىپ، قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنىڭ قوغدىلىشى ۋە قانۇنسىز قىلمىشلارغا زەربە بېرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا ئاگاھلاندۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە