باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۈي لياڭيۈ: خەلقنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىكە كاپالەتلىك قىلىشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك

2013.01.09 08:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنى ئازايتىش خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باشلىقى خۈي لياڭيۈ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش، ئالدىن خەۋەر بېرىش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئاساسىنى كۈچەيتىپ، جىددىي قۇتقۇزۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېلىپ چىققان زىيان ۋە تەسىرنى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىش كېرەك. يىغىندا جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىدارىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ۋە مۇتەخەسسلەرنىڭ 2012-يىلى ۋە يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ھەمدە 2013-يىللىق ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە